ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بولۇپمۇ رۇسىيە بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.
2012-09-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بۇ قېتىم ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىگە ئاساسەن ئىراننىڭ يادرو قۇرۇلۇشىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسى پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

بۇ قارار لايىھىسىدە ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى دەرھال توختىتىشقا قىستىلىدىكەن. گەرچە بۇ قارار لايىھىسىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي كۈچى بولمىسىمۇ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشتىكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئىلگىرى ئەگەر ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىسا، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئىرانغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران بولسا ئۆزىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى ئىشلەپ چىقىرىشقىلا قىزىقىدىغانلىقى، يادرو قورالى ياساش خىيالىي يوقلۇقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت