پرېزىدېنت ئوباما كېلەر يىلى كىرىشتىن بۇرۇن ئىراقتىكى بارلىق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى ئاق سارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، كېلەر يىلى كىرىشتىن بۇرۇن ئىراقتىكى بارلىق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ، 5 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ داۋاملىق ئىراقتا قېلىپ، ئىراق ئارمىيىسىنىڭ تەلىم تەربىيە ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق باغدات ھۆكۈمىتى ئىراقتا قالىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى رەت قىلغانلىقتىن سۆھبەت مەغلۇپ بولغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 39 مىڭ بولۇپ، بۇ سان ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتى 2008-يىلىغا نىسبەتەن كۆپ ئاز.

پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە «تولۇق كېلىشىم» ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىراق داۋاملىق ئامېرىكىنىڭ ئەقلىدىكى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقى، بىراق ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتى مۇشۇنداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىراق ئۇرۇشى 2003-يىلى باشلانغان 8 يىلدىن بۇيان، 4408 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2010‏-ئىراقتىكى يىلى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ پەقەت ئىراق قىسىملىرىنى تەربىيىلەش ۋە بەزى ئەسلىھەلەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى 2011‏-يىلى ئىراقتىن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى سابىق پرېزىدېنت بوز دەۋرىدە ئېلان قىلىنغان پىلان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت