ئامېرىكا، كامبودژانىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن (يەكشەنبە كۈنى) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گوردېن دۇگىت كامبودىيىنىڭ سىياسىي پانالىق تېلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى
2009-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا، 'ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 22 ئۇيغۇر كامبودىيىگە كېلىپ، ب د ت دىن سىياسىي پانالىق تېلەپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى بايان قىلىۋاتقاندا، كامبودىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە دەخل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. كامبودىيىە بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ۋە خەلقئارا كىملىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنى، ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان كامبودىيىنى 'خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى' دەپ جاكارلىدى.

بۈگۈن س ن ن تېلېۋىزىيە ستانسىسى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويترس ئاگېنتلىقى قاتارلىق باشقا چوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ، خىتايدىن قېچىپ كامبودىيىگە كېلىپ، خەلقئارا قانۇن بۇيىچە ب د ت مۇساپىرلار ئورگىنىدىن سىياسىي پانالىق تېلىگەن ئۇيغۇرلارنى، كامبودىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ خىتايغا قايتۇرغانلىقىنىڭ جەريانى ۋە بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارادا كېلىپ چىقىۋاتقان ئەيىبلەشلەر، قارشىلىقلار ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلدى.

پىكىرلەر (5)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﯰﺭﯗﺵ، .....
ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯪﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﻐﯩﻠﺴﺎﻗﻤﯘ ﻫﯧﺴﺎﺏ.....
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻖ ، ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﯲﻟﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯪﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯰﺭﯗﺵ.......

Dec 21, 2009 05:32 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺟﻪﯕﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﺩﯨﺴﻪ !

Dec 21, 2009 09:48 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯲﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﯮﻗﯩﻤﺎﻱ ﻗﻮﻟﯘﯻﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯲﻣﯩﮕﯩﯖﻨﻰ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﯬﯞﻩﺕ !ﻣﻪﻥ ﯪﻣﯧﺮﻛﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯪﺟﯩﺰ ﯬﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯪﻣﯧﺮﻛﯩﻨﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﻮﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﯬﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ .

Dec 21, 2009 09:01 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻫﯚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ............!!!

Dec 21, 2009 03:25 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯰﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻪﻫﯩﺮﻣﺎﻧﻼﺭ..............

Dec 21, 2009 12:34 AM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت