ئامېرىكا، 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن كامبودژانى ياردەم پۇلىنى توختىتىش ئارقىلىق جازالىدى

ئامېرىكا بۈگۈن كامبودژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كامبودژاغا بېرىۋاتقان ھەربىي ياردەم پۇلىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پ ج كروۋلىي پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى كامبودژاغا بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. پ ج كروۋلىي :"كامبودژاغا ئەۋەتىلىدىغان ئاپتوموبىللارمۇ توختىتىپ قويۇلۇشى مۇمكىن " دېگەن.

ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمىغا قارىماي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ۋەقە خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ھەقتە كامبودژانى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ يىل فېۋرالدا ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت مارشېل كامبودژاغا زىيارەتكە بارغاندا، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 330 مىليون دوللارلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلغان . گەرچە ئەينى چاغدا ئامېرىكا كامبودژاغا  ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن قەرزنى كەچۈرۈم قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېمىسىمۇ، ئەمما سۆھبەتلەردە ئامېرىكىنىڭ كامبودژاغا بۇ ھەقتىكى نارازىلىقى ئىپادە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت