ئامېرىكا ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتمەكچى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ليۇشاۋبونى قويۇپ بېرىشكە قىستايدىغان بىر قارار ماقۇللىدى. 410 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 21 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى ۋە بىر ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قارارنىڭ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى 1 - ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بەلگىلىگەن قارارىدا ليۇشاۋبو ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: "ليۇ شياۋبونىڭ جاسارىتى سانسىزلىغان خىتاي پۇقراسى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە زور ئىلھام بېغىشلىدى."
 
بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن داڭلىق يازغۇچى ليۇ شياۋبو خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى كۈزدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يوللانغان "2008 نىزامنامىسى"نى تەييارلىغۇچى ۋە بۇنىڭغا قول قويغۇچىلارنىڭ بىرى.
 
ليۇ شياۋبو 2008 - يىلى دېكابىردا ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى قويۇپ بېرىلمىگەن ۋە 7 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن 2009 - يىلى 6 - ئايدا جىنايىتى بەلگىلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ جىنايىتى "پىتنە ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش" دەپ بەلگىلەنگەن.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت