ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلدى

بۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن Dick Durbin، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان 30 چوڭ ئۇچۇر -تېخنىكا شىركىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ تىجارەت داۋامىدىكى ئەخلاقىي پرىنسىپى يەنى ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-02-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دىك دۇربىن، يېقىندا گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ياخشى بىر ئۆلگە ياراتقانلىقىنى، باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ گوگۇل ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دىك دۇربىن مەكتۇبىدا بارلىق شىركەتلەردىن خىتايدا بۇندىن كېيىن، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش، يەنى پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللاش، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.

دىك دۇربىن كېڭەش پالاتادىكى دېموكراتىك پارتىيىنىڭ ئەزاسى ھەم كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىك دۇربىن مەكتۇپ ئەۋەتكەن 30 شىركەتنىڭ ئىچىدە Amazon ،Facebook ،Skype ،Nokia قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭمۇ گوگۇلغا ئوخشاش، خىتاي بىلەن بىلەن بولغان تىجارەتتە ئىنسان ھەقلىرى شەرتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. ئەگەر، بۇ شىركەتلەرمۇ گوگۇلغا ئەگەشكەن تەقدىردە، ئامېرىكا ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر باسقۇچقا قەدەم قويىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت