ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىشىنى ئەيىبلەپ ماقالە ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىتاينىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چىقىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ماقالىدە قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى قەدىمىي بىنالارنىڭ چېقىلىشى دۇنيا مەدەنىيىتى تارىخى ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تارىخىي مەدەنىي مىراسلارنى قوغداشنىڭ ئورنىغا، بۇ رايوندىكى ئۆيلەرنى كونىراپ كەتتى دېگەن باھانىدە چېقىشى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش دەپ ئەيىبلەندى.

ماقالىدە قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى قەدىمىي بىنالارنىڭ چېقىلىشنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن يامان ئاقىۋەتلىرى كوپ نۇقتىدىن شەرھىلىنىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى قارشىلىقلارغا قارىماستىن، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر شەھىرىدە بۇ ئۆيلەرنى چېقىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ۋە بىر تارىخنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسىتىلدى.

رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى چارشەنبە كۈنى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، قەشقەردە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان، 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىي يادىكارلىق - خانلىق مەدرىسىنىڭ 12 - ئىيۇندىن 15 - ئىيۇنغىچە 4 كۈن ۋاقىت ئىچىدە چېقىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت