ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى بىر مەكتەپنى رېمونت قىلىشقا 470 مىڭ دوللار بەردى

قىرغىزىستاننىڭ" ئاكىپرېسس" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە قىرغىزىستاننىڭ چۇي ئوبلاستىنىڭ "بىردىك" يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەزكۇر باشلانغۇچ مەكتەپنى چوڭ رېمونت قىلىش ۋە قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپ 470 مىڭ دوللار ئاجراتقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-04-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەكتەپنى قايتا ياساش مۇراسىم پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇراسىمغا بۇ يېزىدا ياشايدىغان 200 ئادەم ۋە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى، تاتىيانا گفېللەر، ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك كرىستوفېر بەنس ھەمدە قىرغىزىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىلى ۋە مەكتەپ باشلىقلىرى قاتارلىق شەخسلەر ئىشتىراك قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپ ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن رېمونت قىلىنماي تاشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىنالار ئۆرۈلۈشكە يۈزلەنگەن. مەكتەپ باشلىقى ئۇزۇندىن بۇيان مەكتەپنى ياساش ئۈچۈن پۇل ئىزدىگەن بولسىمۇ، بىراق تاپالمىغان. ماناس بازىسىنىڭ قوماندانى مەزكۇر بازىغا يېقىن جايدا بۇنداق تاشلىنىپ قالغان مەكتەپ بارلىقى، بالىلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئوقۇيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. نەتىجىدە، ئامېرىكا تەرەپ پۇل چىقىرىپ، مەكتەپنى ياساشقا ياردەم كۆرسىتىش قارارىغا كەلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەكتەپ رېمونت قىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ مەكتەپنى ئۈستەل - ئورۇندۇق قاتارلىق ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەلۇمكى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 180 كۈن ئىچىدە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش مۆھلىتىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا مۆھلەت تولىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت