ئامېرىكا قىرغىزىستانغا زور كۆلەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستانغا ئەۋەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوش ۋەقەسى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ ئوش ۋەقەسى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان غا 32 مىليون دوللار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستانغا ئەۋەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ مەركىزى ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچىسى روبېرت بلەيك بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ يەنە يېقىن ئارىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋەقەدە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا يېڭى ياردەملىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا 5 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەلىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، روبېرت بلەيك قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھبىرى روزا ئوتۇنبايېۋا قاتارلىق رەھبىرى شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن شۇنىڭدەك ئوشتىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە بولغان تەزىيىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىپ، ئۆز ئۆيلىرىدە قوشنىلىرى بىلەن ماسلىشىپ ياشىشى ئۈچۈن ئىشەنچلىك مۇھىت يارىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

روبېرت بلەيك بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستان رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئەنجانغا بېرىپ، ئوشتىن قېچىپ ئۆتكەن مۇساپىرلارنى يوقلاپ، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىگەن ئىدى.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت