ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دېموكىراتچىلىرى 60 ئاۋاز بىلەن سالامەتلىك سۇغۇرتا قانۇنىنى ئاۋازغا قويۇشتا ئۇتۇپ چىقتى

سالامەتلىك سۇغۇرتا قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئىسلاھات پىلانلىرىدىن بىرى ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تالاش تارتىش 13 سائەت داۋام قىلىپ، شەنبە كۈنى 60 ئاۋاز بىلەن دېموكراتچىلار ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پالاتا ئەزاسى بەن نېلسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ، بۇنىڭ داۋامىغا ئاۋاز بېرىش دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 1 دە باشلىنىدىكەن.

سالامەتلىك سۇغۇرتا قانۇنى ئىسلاھاتىدىكى پىكرى بىرلىكىنىڭ بۇ يىل روژجىستىۋا ھارپىسىغا ھاسىل قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەزكۇر قانۇن ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرغۇچىلار، بۇ باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇدۇ دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنت ئوباما ئىلگىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، يېڭى سالامەتلىك قانۇنى ئىسلاھاتىدا باج تۆلىگۈچىلەردىن بىر تىيىنمۇ ئارتۇق باج ئالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت يېڭىدىن تونۇشتۇرۇلغان سالامەتلىك سۇغۇرتا قانۇنىدا، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى يوق 30 مىليون ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسىغا ئېرىشىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىكەن.

تولۇق بەت