ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى جىممىي كارتېر شىمالىي كورىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئامېرىكا پۇقراسىنى بىللە ئېلىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلماقتا

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جىممىي كارتېر شىمالىي كورىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. جىممىي كارتېر شىمالىي كورىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىقنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالىي كورىيە پرېزىدېنتى كىم جوڭئىل بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەمما دەل مۇشۇ پەيتتە، يەنى پەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە لىدىرى كىم جوڭئىل خىتاينىڭ جىلىن شەھىرىگە زىيارەتكە كەلدى. كىم جوڭئىلنىڭ بۇ تۇيۇقسىز زىيارىتى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى كىم جوڭئىلنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىدىن بولغان دەپ باھا بەرگەن.

 ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جىممىي كارتېر چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ نۆۋەت قايتىشىدا شىمالىي كورىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئامېرىكىلىقنى بىللە ئېلىپ قايتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

شىمالىي كورىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ماخلى گومەس ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بۇ يىل بىرىنچى ئايدا خىتاي ئارقىلىق شىمالىي كورىيىگە كىرمەكچى بولغاندا قولغا ئېلىنىپ 8 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى گومەسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شىمالىي كورىيىگە مەخسۇس بىر ھەيئەت ئەۋەتكەن بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت