ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تىنچ ئوكياندىن ھەرگىز چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى

12- ئۆكتەبىر، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېيتنامدا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكىنىڭمۇ مەنپەئەتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىن ھەرگىز چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-10-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېيتىس بۇ سۆزلەرنى، ۋيېتنام پايتەختى خانويدا ئېچىلىۋاتقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.

گېيتىس مۇنداق دېدى: "دېڭىزدا يۈرۈش ئەركىنلىكى، توسقۇنسىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سودا ۋە خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى قاتارلىقلاردا دۆلەت مەنپەئەتىمىز بار."

گېيتىس يەنە، ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا ئۇلغىيىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكى جېدىلىنىڭ، رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، تالاش- تارتىشلارنىڭ تىنچ يوسۇندا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېيتىس ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ ھەر زامان ئۆز ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە باشقىلارنىڭ خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدىكى يۈرۈش ھوقۇقىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. ھەتتا يەنە، ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىزمۇ شۇ پېتى داۋاملىشىۋېرىدۇ."

گېيتىس يەنە، ئامېرىكا ئاسىيا دېڭىز رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مانىۋېرلار ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ خىلدىكى مانىۋېرلار بىزنىڭ بۇ رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ۋەدىلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى" دېدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەيدانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

تولۇق بەت