ئامېرىكا تەيۋەنگە ترانسپورت تىك ئۇچارلارنى سېتىپ بەرمەكچى

ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ يىل روجىستىۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى تەيۋەنگە ھەربىي ترانسپورت تىكئۇچار ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تەيۋەندىن چىقىدىغان خىتاي ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يازدا تەيۋەن تەيفېڭ بۆرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشتا ئىشلەتكەن ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى قۇتقۇزۇش داۋامىدا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئامېرىكا دائىرىلىرى تەيۋەنگە يېڭىدىن ترانسپورت تىكئۇچار ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بەرىشكە قوشۇلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەيۋەنگە ئۇھ - 60 تىپلىق تىكئۇچاردىن 60 دانە سېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىلدىكى ترانسپورت ئايروپىلانلىرىغا 20 يىل ئىلگىرىلا ئىگە بولۇپ بولغاچقا، بۇ نۆۋەت ئامېرىكا دائىرىلىرى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان تىكئۇچارلارغا بەك جىددىي قارىماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا تەيۋەننى دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن ئەڭ كوپ تەمىنلەپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەرخىل ئىلغار تىپتىكى ھەربىي تېخنىكىلائارنى سېتىپ بېرىشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت