ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى خۇشال ‏ - خورام باشلىدى

8 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئەتتىگەندە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى ۋە نيۇيورك، سان فرانسىسكو، لوس ئانجىلىس ھەمدە بوستۇن شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەتراپىدىكى مەسچىتلەرگە بېرىپ ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقىدى ھەمدە نامازدىن كېيىن توپلىشىپ بىر ‏ - بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نامازدىن كېيىن، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا ۋە خىزمەت كۈنى بولۇشىغا قارىماي بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىققا بېرىپ دۇئا قىلىشتى، يەنە بىر قىسىمى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن مال سويۇش مەيدانلىرىغا مېڭىشتى. يەنە بەزىلىرى ۋەتىنىدىكى ئاتا ‏ - ئانا، ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىغا تېلېفون ئېچىپ ھېيتىنى مۇبارەكلەشتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ھېيت ‏ - بايراملىرىنى توپلىشىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. ئەر ‏ - ئايال ۋە بالىلار سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تەنتەنە قىلىدۇ، ھەر تۈرلۈك مىزىلىك تائاملارنى پىشۇرۇپ كېلىپ ئېغىز تېگىدۇ.

بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت خىزمەت كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر ‏ - بىرىنى يوقلاپ ھېيتلىدى ھەمدە بالىلارغا ھېيتلىق بەردى.


تولۇق بەت