ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان ۋىزا بېرىش نىسبىتىنى كۆپەيتمەكچى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى يېقىندا خىتايغا 50 نەپەر خىتاي تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان ۋىزا بېجىرىش خادىمىنى خىزمەتكە ئەۋەتىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇنداق مەخسۇس خىتاي تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان خادىملارنىڭ  ئەۋەتىلىشىدىكى مەقسەت  ۋىزا بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ،  دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ  بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ   ئاشكارىلىشىچە، ئىلگىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا  ۋىزىسىنى ئېلىش ۋاقتى 60 كۈندىن 90 كۈنگىچە بولغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن 30 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ۋىزا بېجىرەلەيدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان  ساياھەت ۋىزىسىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، 2011-يىلى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى بىر مىليون ئادەمگە ساياھەت ۋىزىسى بەرگەن شۇنىڭدەك كېلەركى خامچوت يىلىدا  بىر مىليون 300 مىڭ ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى پىلانلىغان.

 2010-يىلى، 801000  خىتاي پۇقراسى ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ،  بۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن  بەش مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قىممەت ياراتقان ئىكەن. 

تولۇق بەت