ئامېرىكىنىڭ يادرو ئاۋىئاماتكىسى ۋېيتنامنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان "جورج ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكىسى يەكشەنبە كۈنى ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بېرىپ، داناڭ دېڭىز پورتى ئەتراپىدا توختىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"جورج ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا - ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ۋېيتنامغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىشى خىتايغا بەرگەن سىگنالى بولۇپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى بىردىن ‏ - بىر كۈچلۈك دۆلەت ئەمەسلىكىنى خاتىرىلىتىش ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ۋېيتنامنى زىيارەت قىلغان ۋاقتى دەل خىتاينىڭ "جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى"نى نېگىزلىك مەنپەئەتلىرىدىن بىرى، دەپ جاكارلاپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم يېقىنقى بىر سۆزىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار مەسىلە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىگە مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى بىر - بىرىگە "ئەشەددىي دۈشمەن" بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىندىن بېرى قويۇقلىشىپ، ئۇلار خەلق ئىشلىرىدا قوللىنىدىغان يادرو تېخنىكا ۋە يادرو ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش سۆھبىتىنى باشلىغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ۋېيتنامنىڭ بىر ھەربىي زىيارەت ئۆمىكى "جورج ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكىنى زىيارەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت