ئامېرىكا بىلەن ۋېيتنام بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

ئامېرىكا بىلەن ۋيېتنام يېقىندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىر ۋېيتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چۈنكى جەنۇبىي جوڭگۇ دېڭىزىدىكى ئاراللارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى خىتاي بىلەن ۋېيتنام ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي بۇ مەسىلىگە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز تەۋەسىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىنى شۈبھىسىزكى "ئىغۋاگەرچىلىك" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرغا ئامېرىكىنىڭ تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا  - كورىيە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىپ قايتقان 7 - فلوتى ۋە يادرو كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان "جورج ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكىسىمۇ قاتنىشىدىكەن.

گەرچە 7 - فىلوت بۇ مانېۋىر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، مانېۋىرنى ئامېرىكا بىلەن ۋېيتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان "بىر قاتار دېڭىز ئۈستى ھەربىي مەشىقى" دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتايغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق سىگنال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئامېرىكا ئۆزىنىڭ رايوندا ھېلىھەم كونترول قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ رايوندا ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن تىركىشىشتىن يانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت