ئامېرىكا بىلەن خىتاي كېلەر ھەپتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بارىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ 23 ۋە 24‏-ئىيۇل كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا 17‏-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىككى كۈنلۈك يىغىندا دىنىي ئەركىنلىك، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىپادە ئەركىنلىكى، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

ھالبۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئەمىلى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ باقمىغان.

ئامېرىكا تەرەپ ئۆتكەن يىلى 4‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. يىغىندا ئۇيغۇر لارغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان-قويۇلمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىراق ئامېرىكا بۇرۇنقى يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.

بۇ قېتىمقى دىئالوگ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، بىر مىليارد 300 مىليون ئاھالىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش كىشىلىك ھوقۇقتىكى زور ئىلگىرىلەش، دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئامېرىكا خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، سىياسىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق، دەپ قاراپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت