ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسىنىڭ ئىككى سۈنئىي ھەمراھسى خىتاينىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق بىر كومىتېت دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىككى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ 2007-ۋە 2008‏-يىللىرى تۆت قېتىم خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا ھۇجۇم خىتاي ھەربىي تەرەپ توربۇزارلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىككى ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھسى ۋە جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 2007‏-يىلى 10-ئايدا، 2008‏-يىلى 6-ئاي، 7-ئاي ۋە 10-ئايدا 4 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

دوكلاتتا، ھۇجۇمنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى كېسىپ ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاينىڭ «دۈشمەن يەر ئۈستى ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ سۈنئىي ھەمراھ كونترول ئىقتىدارىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش» تىن ئىبارەت، ھەربىي مەنتىقىسىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، توربۇزارلىرى نورۋېگىيىدىكى سۈنئىي ھەمراھ يەر ئۈستى كونترول پونكىتىنىڭ تورىنى بۇزۇپ كىرىپ، بۇ يەردىن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھلىرىغا كاشىلا قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراسىغا كاشىلا قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭباۋدوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يوللىغان بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كومىتېتىنى تەنقىدلەپ، «ئىسپاتلانمىغان ھېكايىلەرنى توپلاش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرمەكچى» بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت