ئامېرىكا، خىتايدىن ھەربىي تەرەققىياتتا ئاشكارىلىقنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا يىللاردىن بېرى، خىتايدىن ھەربىي ئىشلاردىكى خۇپىيانىلىككە خاتىمە بېرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي 2007 ‏- يىلدىن باشلاپ، ب د ت غا ئۆزىنىڭ يىللىق ھەربىي خىراجىتىنى دوكلات قىلىشقا باشلىغان ۋە ھەر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرىغا باشقا دۆلەتلەرنى كۆزەتكۈچىلىككە تەكلىپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەنتاگاننىڭ تۈنۈگۈنكى يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدىكى ئاشكارىلىق دەرىجىسىدە بەلگىلىك ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا، ئەگەر ئاشكارىلىق تەلەپكە يەتمىسە، ئىككى تەرەپ ھەربىي ساھەسىدە ئۆز ‏- ئارا ئۇقۇشماسلىق ۋە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرغان.

بۈگۈن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىنىڭ باياناتچىسىمۇ سۆز قىلىپ، گەرچە ما يىڭجۇ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن تېخى يانمىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە F - 16 قاتارلىق ئىلغار تىپتىكى ھەربىي قوراللارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، تەيۋەننىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت