ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدىكى بالىلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالىم ئابدۇرەھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئىككى ئوغلىنى تۈرمىدىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەتتە رابىيە خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرەھىم ھەم ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاپ كەتكىنى ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

خەتتە يەنە، خىتاينىڭ تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئاقلىشى، بۇلارنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، دانا روخراباچېر، ئان جوسېپ چاۋ، جامېس پ مكگوۋەرن، جوسەپخر پىتتس، كرىستوپېر سمىت، ترېنت فرانكس قاتارلىقلار قول قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت