ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بۇ يىل 12 - ئايدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، ئارالغا چىقىشنى مەشىق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دائىرىلىرى بۇ يىل 12 ‏ - ئايدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، ئارالغا چىقىش مەشىقى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە كيۇدو ئاگېنتلىقى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ بۇ يىل 12 - ئايدا ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ مانېۋىر 2009 ‏ - يىلى قارار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يېقىندا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ يۈز بەرگەن ئىختىلاپ سەۋەبىدىن خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى مەسىلىنى تېخىمۇ نازۇكلاشتۇرىۋەتكەن.

 ياپونىيىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىر خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنى تۇتۇپ قېلىپ، كېمە كاپىتانىنى بىر مەزگىل سولاپ قويۇشى, خىتاي پۇقرالىرىدا ياپونغا قارشى ئۆچمەنلىك قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى بىر قانچە قېتىم چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەم ياپونىيىگە تەھدىت سالغان ئىدى.

ئانالىزچىلار ئەگەر مانېۋىر ياپونىيە - ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرى ئارالغا چىقىشنى مەزمۇن قىلسا ۋە مانېۋىرغا ئامېرىكىنىڭ جورج ۋاشىنگتون ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ئىشتىراك قىلسا، بۇ خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئۇنى پاراكەندە قىلماي قالمايدىكەن.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنى ھۇجۇمدىن قوغداش مانېۋىرىنى 2006‏ - يىلى بىر قېتىم ئېلىپ بارغان. شۇ قېتىمقى مانېۋىردا ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا قىسىملىرىنى قاتناشتۇرغان ئىدى.

ياپونىيە ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنى تۇتۇپ قالغاندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ياپونىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدېن، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ھەم "ياپونىيە - ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنى دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئۇل تېشى" دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

كيۇدو ئاگېنتلىقى 12‏ - ئايدىكى مانېۋىرنىڭ ياپونىيە سېنكاكۇ ئاراللىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە ئارالنى قانداق قايتۇرۇۋېلىشنى تەقلىد قىلىش يوسۇنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت