ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ سەنكاكۇ ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقنى ئاشكارىلىدى

ياپونىيىدە چىقىدىغان 'ئاساخى شىنبون گېزىتى' نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سابىق ئامېرىكا دېڭزى ئارمىيە قۇماندانى جىم ۋېب 15 ‏ - ئىيول كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دېپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ ئاسىيا - تىنج ئوكيان گۇرۇپپىسى ئاچقان تېرىتورىيە دەۋاسى ھەققىدە ئىسپاتلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى تېرىتورىيە تەشەببۇسىنى تەنقىت قىلغان ۋە ياپونىيىنىڭ سەنكاكۇ ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇنىڭدىن بۇرۇن، گەرچە خىتاي ۋە جوڭخۇا مىنگوچىلار سەنكاكۇ ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلاپ قويۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تاقىم ئاراللارنى ئەمەلىيەتتە ياپونىيە كونترول قىلىپ كېلىۋاتاتتى.
 
 'مەركىزى ئاگېنتلىقى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنيادىكى تېرىتورىيە دەۋالىرىغا پۇزىتسىيە بىلدۈرمەي، بىتەرەپ ھالەتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم خىتاي، تەيۋەن ۋە ياپونىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەنكاكۇ ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئاشكا پۇزىتسىيە بىلدۈرگەنلككى بىر ئالاھىدە ئەھۋال.

'ئاسىيا ھەپتىلىك خەۋەر' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە قىسىملىرى ھازىر ئوكىناۋا ئاراللىرىدىكى مۇداپىئە سىزىقىدىن سەنكاكۇ ئاراللىرىغا قاراپ 500 چاقىرىم ئىلگىرىلەپ، خىتاي قىسىملىرىنىڭ ئۇچۇق دېڭىزغا چىقىدىغان يوللىرىنى توسۇۋەتكەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت