ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى سېكرىتارى مۇقىملىقنى تەكىتلەشنى باشلىدى

ئۇيغۇر ئېلىنى 16 يىل ئىدارە قىلغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا كەلگەن، كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى سۆزلىرىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۆپرەك تەكىتلىگەن بولسا، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قايتىدىن مۇقىملىقنى قوغداش مەسىلىسىنى تەكىتلەشنى باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-05-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ چۈنشەن 8 - ماي كۈنى شىنجاڭ قوراللىق ساقچى باش ئەترىتىنى زىيارەت قىلىپ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە، قوراللىق ساقچى جەڭچى - ئوفىتسېرلىرىنىڭ سىياسىي ۋە تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي چوڭ مۇقىملىق ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

ئۇ، سۆزىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيىلىگەن ھەمدە " شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىق ۋە مۇرەككەپ ھەم كەسكىنلىكىنى تونۇپ يېتىش لازىملىقى"نى تەكىتلىگەن. جاڭ چۈنشەننىڭ سۆزلىرىدە "ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ۋە تىنچلىق " ئاتالغۇسىنىڭ كۆپ قېتىم ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم.

شىنجاڭ قوراللىق ساقچى باش ئەترىتى رايون ۋەزىيىتىنى بىۋاسىتە كونترول قىلىدىغان قوراللىق قىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ پەرەزلىرىدىن قارىغاندا، ۋاڭ لېچۈەن كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قايسى رەھبىرى ئورۇنلارغا قويغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەگەشكۈچىلىرىمۇ  قەدەممۇ - قەدەم ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت