ئاقسۇ شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ 30 - نويابىر دەرس ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئاقسۇ شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپتە 30 - نويابىر دەرس ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر ۋەقە ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سات 10 دا ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن كېيىن گىمناستىكا ئويناشقا چىققان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. شىنخۇا ئاخباراتى دەسلەپتە ۋەقەدە يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاقسۇ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا يارىلانغۇچىلار 41 دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دەسلەپتە دوختۇرخانىغا 123 ئوقۇغۇچى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، 41 ئوقۇغۇچىنىڭ ياتاققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ 41 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپىنچىسى دوختۇر خانىدىن چىققان، دەسلەپتە يارىسى ئېغىر دەپ قارالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشتۇرۇلغان.

ھالبۇكى خەۋەردە ئۆرۈلگەن بىنا پەلەمپىيىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ۋەقەگە سەۋەبچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھاجەتخانا مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلغان ياكى قىلىنمىغانلىقى كۆرسىتەلمىگەن.

تولۇق بەت