ئاتۇشتا دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغان

ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوختۇرخانا دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشنى چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


«ئۇيغۇر بىز» تورى بۇ ھەقتە تەمىنلىگەن ئۇچۇرغان قارىغاندا، مەزكۇر بەلگىلىمە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» گە ئاساسەن چىقىرىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا كىملەرنىڭ ناماز ئوقۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، يۇقىرىقى «بەلگىلىمىلەر» دىن نەقىل ئېلىپ «ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇش چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازاغا تارتىلىدۇ» دېيىلگەن.

رادىئومىز ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىدە پوسكام ناھىيىسىدە ئۇزۇن ساقال قويغان ۋە رومال ئارتقان ئاياللارنى بېكەتكە كىرگۈزمەسلىك بەلگىلىمىسىنىڭ ھېلىھەم ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت