ئاۋسترىيە پرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئىلغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى رەت قىلدى

جۈمە كۈنى، ئاۋسترىيە پرېزىدېنتى ھېينۇز فىشېر شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئىلنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى رەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىم جۇڭ ئىل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاۋسترىيە پرېزىدېنتىنى ھېينز فىشېرنىڭ كىم جۇڭ ئىلغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ئاۋسترىيە ئاخباراتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پرېزىدېنت فىشېر باياناتچىسى جۈمە كۈندىكى باياناتىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتچى ئاۋسترىيە پرېزىدېنتى ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ ۋېنادىكى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئەمما پرېزىدېنت فىشېرنىڭ شەخسەن تەزىيە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شىمالىي كورىيە پرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئىل 17 - دېكابىر قازا قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يەنە كۆپلىگەن غەرب ئەللىرى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە كىم جۇڭ ئىلنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت