ئاۋسترىيىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىك نامايىشچىلار بىلەن خىتاي نامايىشچىلار ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەردى

فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن خىتاي دۆلەت باشلىقى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن ئاۋسترىيىدە زىيارەتتە بولدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى داۋامىدا، خىتايغا قارشى ۋە خىتاينى قوللىغۇچى نامايىشچىلار ئارىسىدا ماجىرا كېلىپ چىققان. ئەمما خەۋەردە ماجىرانىڭ كونكرېت شەكلى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىشچىلار ئاساسلىقى ياۋروپادىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. خۇ جىنتاۋنى قوللىغۇچىلار بولسا، خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە بىر كۈنلۈك خىزمەت خىراجىتى بېرىلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن.

ئۇيغۇر ۋە تىبەت نامايىشچىلار، خىتاينىڭ ئۆز رايونلىرىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ شوئار توۋلىغان، بايانات ئېلان قىلغان. خىتاي نامايىشچىلار بولسا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىجرائاتلىرىغا مەدھىيە ئوقۇغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىبەتلىك بىر ئوقۇغۇچى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ماجىرانىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ «ئۇلار‏-يەنى خىتايلار، تىبەتلىكلەرنىڭ بايرىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت