بان كىمۇن، يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن شەنبە كۈنى، يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

س ن ن دە نەقىل قىلىنىشىچە، كوپېنھاگېندا كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بان كىمۇن: " بىز ئاخىرى ھەقىقىي بىر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. دۇنيا رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ كەلگىنىمىز بىكارغا كەتمىدى" دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ نۆۋەت ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بەك مۇكەممەل بولسىمۇ، ئەمما يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بان كىمۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇش قەدەملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا 30 مىليارد دوللار چىقىم ئاجرىتىش ۋەدە قىلىنغان.

مەزكۇر كىلىمات يىغىنىغا تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، يەرشارى كىلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا كونكرېتنى ۋەدىلەرنى ئالماي تۇرۇپ چوڭ ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدىكەن.

دۇنيا ئېكولوگىيىسىگە كۆڭۈل بولىدىغان تەشكىلات "يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى" بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئەيىبلىدى. ئۇلار بايانىدا، دۇنيا رەھبەرلىرى كىلىمات مەسىلىسىدە ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە: "ئۇلار بىزنى ئاپەت خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشتا نومۇسسىزلارچە مەغلۇپ بولدى" دېدى.

كوپېنھاگېندا ئېچىلىۋاتقان يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن ئىدى. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت