بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقوق كۈنىنىڭ تېمىسى: كەمسىتىش

بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 61 يىللىق خاتىرە كۈنى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى 1948 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ كۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىللىق ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنىڭ باش تېمىسىنى "كەمسىتىش" دەپ بېكىتتى. ب ب س' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ناۋى پىللېي كەمسىتىش خاھىشىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا جىددىي ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان "بىر تەرەپلىمىلىك قاراش" خاھىشىنىڭ ھەر بىر كىشىدە مەۋجۇتلىقىنى شۇڭا ھەر بىر شەخسنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىدە، ئۆيىدە، ئىش ئورنىدا كەمسىتىشكە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر باياننامە ئېلان قىلغان ناۋى پىللېي سۆزىدە يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ئۇنۋېرسال باياننامىسى قوبۇل قىلىنغىلى گەرچە 61 يىل بولغان بولسىمۇ ئەمما دۇنيا مىقياسىدا كەمسىتىشنىڭ ھېلىھەم كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەرنى كەمسىتىش بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت