ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تەن جازاسىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى جۈمە كۈنى مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىدىغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەن جازاسىنى ئىجرا قىلغۇچىلار جاۋابكارلىقتىن ۋاقىتلىق قۇتۇلسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا ئادالەتنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى نەۋى پىللاي "تەن جازاسىنى ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرىگە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى كېرەككى ۋە ئۇلار شۇنىڭغا قۇلاق سېلىشى كېرەككى، سىزنىڭ قانچىلىك قۇدرەتلىك بولۇپ كېتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەيرى ئىنسانىي قىلمىشىڭىزنىڭ ھېسابىنى بېرىسىز" دەپ كۆرسەتكەن.

نەۋى پىللاي بۇ سۆزلەرنى شەنبە كۈنى يېتىپ كېلىدىغان خەلقئارا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە " تەن جازاسى پەۋقۇلئاددە ئېغىر جىنايەت. بۇ نورمال شارائىتلاردا ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدۇر" دېگەن.

نەۋى پىللاينىڭ بۇ سۆزى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دە تۇتقۇنغا ئۇچراپ، ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ياكى سوتلانغانلارنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا "جىنايەت " نى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى بىر يىغىنىدا خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى كېيتى پولىئاس سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت