شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىر ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىنى خەۋەر قىلىشىغا چەكلىمە قويغان. دائىرىلەر شۇ كۈنى ب ب س ۋە س ن ن نىڭ خىتايغا قاراتقان ئاڭلىتىشىنى توسۇۋەتكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ليۇ شاۋبونىڭ بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىنىڭ سىرتىغا ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە مەھەللە كومىتېتى خادىملىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭدىن سىرت دائىرىلەر ليۇ شاۋبونى قوللايدىغان ئەي ۋېيۋېي، مۇ شاۋپىڭ قاتارلىق پائالىيەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان.
خىتاينىڭ نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىغا ئېمبارگو قويۇپ، بۇ جەھەتتىكى خەۋەرلەرنى تەقىب قىلىشى ۋە ئۆكتىچى زاتلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشى جۈمە كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
پرېزىدېنت ئوباما جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ليۇ شاۋبونىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئۆزىدىن بەكرەك لايىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.