ئۇيغۇر بوكسچى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى

ئۇيغۇر بوكسچى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە جەنۇبىي كورىيىلىك رەقىبىنى يېڭىپ 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا چىقىدىغان "خەلق گېزىتى تور بېتى" دە خەۋەر قىلىشىچە، مەمەتتۇرسۇن رەقىبى چۈئەن يۇڭنەننى 6 گە قارشى 16 نەتىجە بىلەن يەڭگەن.

مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى يېزاباغ كەنتىدىن بولۇپ، دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

مەمەتتۇرسۇن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە 8200- يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگىمۇ تاللانغان. ھالبۇكى، مەمەتتۇرسۇن، 5كە قارشى 8نەتىجە بىلەن رۇسىيە ماھىرى كىۋالىيۇفقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، 16 كۈچلۈككە كىرىشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى.

مەمەتتۇرسۇن چوڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەن. مەمەتتۇرسۇننىڭ ترېنېرى ئۇيغۇر بوكس پادىشاھى ئابدۇشۈكۈر ئىكەن. ئۇ، مەمەتتۇرسۇندىن يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت