چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىغا يولغا چىقتى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەما خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ يول رەسمىيەتلىرىنى ئاخىرى پۈتتۈرۈپ، شەنبە كۈنى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى دەلىللىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند مۇنداق دېدى: شۇنى دەلىللەيمىزكى چېن گۇاڭچېڭ، ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ئامېرىكىغا كېلىش ئۈچۈن جۇڭگودىن ئايرىلدى. ئۇ ئەمدى ئامېرىكا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

نۇلاد يەنە چېننىڭ بۈگۈن كەچقۇرۇن ئامېرىكىغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن گۇاڭچېڭ شەندۇڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن 2006 - يىلى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 2010 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۇ ئۆتكەن ئايدا نەزەربەندتىن قېچىپ بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان. بۇ ۋەقە ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك يىرىكلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت