ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسى چېن گۇاڭچېن نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتقان

شەنبە كۈنى نىيورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسى چېن گۇاڭچېن نىيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىگە مۇنداق مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بەرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتقان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن گۇاڭچېن، ئايالى ۋە بالىسى بىلەن بىرگە ئامېرىكىغا كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇ سۆزىدە، «ئەڭ قىيىن ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ماڭا يوشۇرۇنۇش پۇرسىتى بېرىپ، مېنى ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىتلاردىن ئۆتكۈزدى. يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماڭا ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى بەردى» دېگەن.

ئۇ، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقى، بۇنىڭ ئۇنى ناھايىتى خۇشال قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىلىشى، جەمىيەت ئادالىتىنى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ، ئۆزىنىڭ يەنە ۋەتىنىگە قايتىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

چېن گۇاڭچېن مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، خىتاي ئۇنىڭ پاسسپورت بېجىرىپ ئامېرىكىغا كېتىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، شۇ ۋەدە بويىچە ئۇ ئاخىرى ئامېرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت