چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2 نەپەر تىبەت ژۇرنالىستنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى نەپەر چىڭخەيلىك تىبەتلىكنى، ژورنال چىقىرىپ ماقالە يازغانلىق سەۋەبىدىن قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى پارىژدىكى مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى مەزكۇر تەشكىلات، بۇددا ۋە كالساڭ جىنپا ئىسىملىك بۇ ئىككى تىبەتلىكنىڭ "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇ يىل 6‏ - ۋە 7 - ئايدا ئايرىم - ئايرىم قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل 34 ياشلاردىكى بۇددا ئىسىملىك تىبەتلىك ياش يېزا دوختۇرى بولۇپ، چۇەنچىدىكى بىر تىببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. بۇ يىل 35 ياشلار ئەتراپىدىكى كالساڭ جىنپا ئىسىملىك يەنە بىر تىبەتلىك بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇ بۇرۇن چىڭخەيدىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ راھىبى بولۇپ، بىر مەزگىل ھىندىستاندا ئوقۇغاندىن كېيىن 1996‏ - يىلى يۇرتىغا قايتقان. ئۇلار تىبەت تىلىدىكى "شار دۇڭ رى" ناملىق ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلىش، "دۇراپ كيى نا " ناملىق ژۇرنالدا ماقالا ئېلان قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەردار مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇددا بىلەن كالساڭ جىنپانى زىيالىيلار ئارىسىدا "بۆلگۈنچىلىك"ئىدىيىسى تارقىتىش، 2008‏ - يىلى 3 - مارت ئېيىدىكى لاخاسا ۋەقەسى ھەققىدە ماقالە يېزىپ، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئالغا سۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى تىبەت ژۇرنالىستلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نۆۋەتتە 15 نەپەر تىبەتلىك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، تاشقىرىغا ئۇچۇر يوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان تىبەتلەرنىڭ 50 كە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى سونام رىنچېن ۋە يارگاي ئىسىملىك ئىككى نەپەر تىبەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئوقۇغۇچىلار ژۇرنىلى چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالىلەرنى باسقانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت