چىرا ناھىيىسىدىن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىزى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەن

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان خىتايچە كۈندىلىك گېزىتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، تەكلىماكاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چەت ياقا ناھىيە ھېسابلانغان چىرا ناھىيىسىدىن 222 نەپەر قىز، خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ، چىڭداۋ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بۇ قىزلارنىڭ 99% تى ئۇيغۇر بولۇپ ھەممىسى 20 ياشتىن تۆۋەن ياش قىزلار ئىكەن.

قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا بارغاندىن كېيىن، يېشى بەك كىچىك ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى قېتىم ئائىلىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىشى بولغاچقا، خىتاينىڭ يات مۇھىتىغا كۆنەلمەي قىينالغان. ئۇلار ئۇزاق مۇددەت ئاتا ئانىلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشالمىغاچقا كېچىلىرى ئاتا - ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلىغان، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىمۇ بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بەزىلىرى ھەتتا 18 ياشقىمۇ تولمىغان بولۇپ، خىتاي تىلىنىمۇ بىلمىگەن بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئادرېسىنىمۇ بىلمەيدىكەن.

ئۇلارنىڭ زاۋۇتتا ئۇچراۋاتقان خورلۇقلىرى، ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇش ئەھۋاللىرى، خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرى ئارقىلىق پاش بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت