چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى تارقالغان دۆلەت سانى 44 كە يەتتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ بۈگۈن (شەنبە كۈنى) سائەت 12 دە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادا چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمار بايقالغان دۆلەت سانى 44كە، بېمار سانى 11 مىڭ 186 گە، بۇنداق كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 86 گە يەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى بېيجىڭدە 4، سىچۇەن، سەندوڭ، گۇاڭدوڭلاردا بىردىن، جەمئى 7 گە يەتتى. بۇنىڭ بىرى67 ياشلىق ئەر. تەيۋەندە بۈگۈنگە قەدەر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى 3، بۇنىڭ بىرى 5 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ئىنسانىيەت ئەۋلادلىرىنى چوشقا زۇكامى ۋىرۇسىدىن ساقلاش ئۈچۈن 1 مىليار ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتتى ۋە ئۇ مەبلەغنى ۋاكسىنا ئىشلەيدىغان شىركەتلەرگە چۈشۈرۈپ بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت