ئوباما دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ كوننېكتىكۇتتا قازا قىلغانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش بۇيرۇقى بەردى

جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكۇت شتاتىدا يۈز بەرگەن تراگېدىيىلىك ۋەقەدىن كېيىن، پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش بۇيرۇقى بەردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا دۆلەت بايرىقى 18 - دېكابىرغىچە يېرىم چۈشۈرۈلىدىكەن.

ئوبامانىڭ مەزكۇر بۇيرۇقىدىن كېيىن فلورىدا شتاتىدا دۆلەت يېرىم چۈشۈرۈلدى.

جۈمە كۈنى كوننېكتىكۇت شتاتى نېۋتوۋىن كەنتىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 20 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 26 ئادەم قازا قىلغان ئىدى.

ۋەقە پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقنى قايغۇغا چۆمدۈردى. پرېزىدېنت ئوباما ۋەقەدىن كېيىن بايانات بېرىش جەريانىدا ئازابقا تولغان كۆز ياشلىرىنى يوشۇرالماي قالدى. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ تەپسىلات تەكشۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت