دالاي لاما خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان قارىلاشلىرىنى «بەك ئەخمىقانە» دېدى

دالاي لاما خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان قارىلاشلىرىنى «بەك ئەخمىقانىلىك» دېدى ۋە ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دالاي لاما بۇ سۆزلەرنى «روللىڭ ئىستون» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەخسلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «راھىبلىق تونىغا ئورنىۋالغان چىلبۆرە» دەپ سۈرەتلەپ كەلمەكتە ئىدى.

دالاي لاما بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار مېنى 100 پىرسەنت سەلبىي كۆرسەتمەكچى. شۇڭا بۇ سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئۇلارنىڭ بىر قىلىقى بەك بالىلارچە، بەك ئەخمىقانە.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئادەم مېڭىسىنىڭ بىر قىسمى ئەقەللىي ساۋاتلارنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەمما، ئۇ خىتاي باشلىقلىرى، بولۇپمۇ  مۇتەئەسسىپلەر توپى مېڭىسىنىڭ ئاشۇ قىسمى يېتىلمىگەن.»

دالاي لاما ئەزەلدىن خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقى، تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيىدىن ئۆزگە نەرسە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ ئۇنى «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتاشنى توختاتمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت