تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما خىتاينى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما يېقىندا دارامسالادىكى قارارگاھىدا تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئىلمىي خادىم سالاھىيىتى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، چۈنكى خىتايدىكى بەزى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرىنىڭ ئۇنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لېكىن خەۋەردە دالاي لامانى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان خىتاي پروفېسسورلىرىنىڭ ئىسمى ۋە بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان.

«نورۋېگىيە تىبەت ئاۋازى » رادىئوسىنىڭ دالاي لامانىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشقان خىتايچە تەرجىمانىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، دالاي لاما سەرگەردانلىقنىڭ ئۆزى سىياسىي بېسىم ۋە زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى، بىراق يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭ تىبەت مەدەنىيىتى ۋە ۋە تىبەت بۇددىزمىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىكى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن دالاي لامانى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان. لېكىن بۇ سۆھبەتلەردىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان ئىدى.

دالاي لاما تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە ئەركىنلىككە نوقۇل سىياسىي نۇقتىدىن قارىماسلىق، تىبەت مەدەنىيىتىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش نۇقتىسىدىنمۇ قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت