دالاي لامانىڭ ۋەكىلى خىتاينى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۈندىدى

دالاي لامانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى چارشەنبە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى تىبەت سۆھبىتىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، بۇ دالاي لاما دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە بېيجىڭ تەرەپ سۆھبەتكە قىزىقمايدىكەن، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، دالاي لامانىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كەلساڭ گيالتسەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى ئۆز تەلەپلىرىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئالدىغا قويغان بولسىمۇ، رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان كەلساڭ گيالتسەن، " قالدى ئىش خىتاي تەرەپكە باغلىق" دېگەن ۋە دالاي لامانىڭمۇ ئۆتكەن نويابىردىكى خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدىن كېيىن تېخى بىر قارارغا كەلمىگەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

گەرچە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ " مۆتىدىل يول" تۇتىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئالدىنقى ئايدا يەنە، ئەگەر دالاي لاما مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچسىلا سۆھبەتلىشىشكە يول بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت