دىلنار ئابدۇللا خىتاي ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا يېقىندا خىتاي مەملىكەتلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇدا 3-قېتىم مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دىلنار ئابدۇللا 4 يېشىدىن باشلاپ ئۇسۇل ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئوينىغان ئۇسۇللىرى كۆپ قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىكەن.

دىلنار ئابدۇللا خېلى ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي بويىچە تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەت ‘ئەلدە ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تونۇلۇشى،يۇقىرى مەنسەپ ۋە ئورۇنلارغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە يېشىل چىراغ ياندۇرماقتا ئىكەن.

ئۆتكەن يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، دىلنار ئابدۇللا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ يېقىندا خىتايدىكى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئېيتقان سۆزلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەر ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ تور مەيدانىدا كۆرۈلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دىلنار ئابدۇللا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ئەمەتنىڭ كېلىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرىمۇ يۇقىرى رەھبىرىي خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت