د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كامبودژا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 ئۇيغۇرنىڭ ھېسابىنى سورىدى

د ئۇ ق جۈمە كۈنى كامبودژا 2009‏-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بەزىلىرىنىڭ مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باياناتتا ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار تەن جازاسىغا ئۇچراش، تۇتقۇن قىلىنىش، ۋە ئىز ‏-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن. ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ، «بىز ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

تۈنۈگۈن كامبودژا قايتۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلاردىن مۇسا مەمەتنىڭ قەشقەردىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى، يەنە بەزىلىرىنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت