ئۈرۈمچىدىكى خىتاي خەۋەر تورىدا بۈگۈن 12-بەش يىللىق ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەردە مەزكۇر پىلان بويىچە، ئېلېكتر تورلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، نۆۋەتتە توكتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقان بىر مىليون 75 مىڭ 300 كىشىنىڭ ئېلېكتر مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردىن بىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خېلى بىر قىسىم چەت يېزا-قىشلاقلىرىغا تېخىچىلا ئېلېكتر يېتىپ بارالمىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىدەك رېئاللىق كۈزدە تۇتۇلسا، ئېلېكتردىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلار بۇ بىر مىليون كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، يەنى خىتاي بايان قىلغان نوپۇس ستاتىستىكىسى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ھەر 10 ئائىلىدىن بىرىنىڭ تېخىچىلا توكسىز قاراڭغۇ ئۆيدە، تېلېفونسىز، تېلېۋىزورسىز، توڭلاتقۇسىز ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.