ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى دىققىتى پاكىستاندىكى ئەلقائىدەگە قارشى كۆرەشكە مەركەزلىشىدىكەن

بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئەلقائىدە كۈچلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن كۆرۈپ چىقىلغاندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلىندى. باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى يېڭى ئىستراتېگىيىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئەلقائىدا كۈچلىرىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا ئامېرىكىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ پاكىستاندىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى تەرىپىدىن كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا بۇندىن كېيىن ئاساسلىق كۈچىنى پاكىستانغا قارىتىدىكەن. ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى تىلغا ئېلىنغان دوكلاتتا، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولسىمۇ، ئەمما دېگەندەك راۋان ئەمەسلىكى، پاكىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى ئەلقائىدا كۈچلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىنى كۆپرەك قوللاپ، ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى بەزى رايونلاردا تەسىر كۈچى ئاجىزلاپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ۋەزىيەت يەنىلا سەزگۈر بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 2011- يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىش پىلانىدا بىر ئۆزگىرىش يوق ئىكەن.

تولۇق بەت