2001 - يىلىدىن بېرى ئافغانىستاندا 300 ئەنگلىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان

بۈگۈن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون 2001 - يىلىدىن بېرى ئافغانىستاندا 300 ئەنگلىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ 300 ئەسكەرنىڭ 200 نەپىرى كېيىنكى 2 يىلدا ئۆلگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرى تەركىبىدە جەمئىي 10 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى بار ئىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س دا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون سۆزىدە، ياز مەزگىلىدە ئافغانىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: "ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندا تىنچلىق بەرپا بولغاندىلا چېكىندۈرىدۇ،" دېگەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە، ئافغانىستاندىكى خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بۈگۈن ئافغانىستاندا يەنە 6 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئامېرىكىلىق، ئۈچى ئاۋستىرالىيىلىك بولۇپ، قالغان ئىككىسىنىڭ قايسى دۆلەتتىن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت