ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-09-07
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋان لېۋىس بۇ نۆۋەتلىك تىبەت زىيارىتىدە، بېيجىڭ ۋە لخاسادالاردا بولىدىكەن. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، زىيارەتنىڭ 7 - سېنتەبىر دۈشەنبىدىن 10 سېنتەبىر پەيشەنبىگىچە 4 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىنىستىرلىق يەنە، لېۋىس ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇھىم رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەنگىلىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، لخاساغا بېرىپ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تىبەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئەھۋالى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
"تىبەت ھۆرلۈكى تەشكىلاتى" ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى، زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.
بۇ ئەنگىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ ئۆتكەن يىل مارتتىكى تىبەت نامايىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تىبەتنى زىيارەت قىلىشى.