«ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى ئۇتتى

گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى، شۋېتسىيە«ئۇيغۇرىستان» كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

3-لىكىنى تالىشىش ئۈچۈن مۇسابىقىلەشكەن گېرمانىيە «فچۇيغۇر» كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە «تارىم» كوماندىسى ئىچىدە گېرمانىيە كوماندىسى يېڭىپ 3-بولدى.

نەتىجىدە گوللاندىيە 1-لىكىنى، شۋېتسىيە 2-لىكنى، گېرمانىيە 3-لىكنى ئالدى.

مۇسابىقە ئىنتايىن ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىق ئىلىكىدە بۈگۈن ئاياغلاشتى.

مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققۇچىلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان ھەرخىل دەرىجىدىكى لوڭقىلار تارقىتىپ بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت