ئەركىنلىك ئۆيى: خىتاي مەتبۇئاتقا ئېغىر چەكلىمە قويماقتا

مەركىزى ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل چۈشەنچە ئورگىنى بولغان "ئەركىنلىك ئۆيى" دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كېيىنكى 8 يىلدا ئاخباراتقا بولغان بېسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا، دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى دەرىجىسى قىتئەلەر بويىچە تىزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئاسىيا -تېنچ ئوكيان رايونى بويىچە خىتاي، بېرما، شىمالىي كورىيە ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار، خەتەرلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - يىلى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان بىر يىل بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئاخباراتقا بولغان چەكلىمىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇپ، ئۇنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئاخبارات ئەڭ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا يەنە رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئىران قاتارلىقلار دۆلەتلەرمۇ يەر ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت